Dunyada herbir insan tughulushtinla erkin sözlesh we pikir bayan qilish hoquqigha ige ""ھەربىر ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا ئەركىن سۆزلەش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىش، ۋە ھەرخىل نەشرىيات ۋاستىلىرىدا نەشر قىلدۇرۇش، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئەركىنلىكى چوقۇم توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق كېرەك.""

خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى


خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى دۇنيادىكى 104 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان 145 تەشكىلاتنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يازغۇچى، تەتقىقاتچى- زىيالىيلارنىڭ دوستانە بىرلىكى ۋە پىكىر قىلىش، نەشر قىلىش، ئىپادە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، دۇنيا ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگاندۇر. خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يازىدىغان، ئوقۇيدىغان يازغۇچى، شائىر،تەھرىر، نەشىرياتچى، تەرجىمان، تارىخ - ئارخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ۋە سەنئەتكار- تەتقىقاتچىلاردىن تەركىب تاپقان ھۆكۈمەتسىز، تاپاۋەتسىز خەلقئارادىكى ئا دەرىجىلىك ئورگاندۇر. ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى سۆزلەش، يېزىش، ئوقۇش، پىكىر قىلىشتا مەجبۇرى قىسىلىۋاتقان ياكى ھوقۇق - ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەربىر ئىنساننىڭ مەتبۇئات، تىل-يېزىق، تەرجىمە ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت قىلغان.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى سۆزلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، سۈكۈت قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى خەلقئارا خاراكتېرلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت، ئورگانلارغا خەت يېزىش، فاكىس يوللاش، پوستكارت ئىشلەپ تارقىتىش ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاپ تۇرمىغا قامالغان ياكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى بوغۇلغان يازغۇچى- تەتقىقاتچىلارنى ئازاد قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى تۈرمىگە ئېلىنغان يازغۇچى- ئوقۇرمەنلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، مەملىكەت، رايون دائىرىسىدىكى چەكلىمىلەرگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز.





Uyghur Pen

Valid CSS!        W3C CSS Level 2.1.validated website.   |   http://www.uyghurpen.org  |  E_mail: web@uyghurpen.org