ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر
ئەزىز ئەيسا
(2011- يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە موڭغۇلىيەدە ئېچىلغان “3-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى قۇرۇلتىيى” غا قاتنىشىش سەپىرىدە يېزىلغان ئەدەبىي خاتىرىلەر)
سۆز بېشى
بۇ دۇنيادا ئۆلمەيدىغان ئۇلۇغ ھۆكۈمدارلار يوق، ئەڭ" كۈچلۈك ئىمپېرىيىلەرمۇ ھامان گۇمران بولۇپ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرىسىدىن غايىب بولىدۇ ئەمما ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى ئىنسانلارغا تەۋە بولۇپ ھاياتلىق داۋاملىشىدىكەن، ئىنسان ئەجدادلىرىنىڭ تارىخ مۇساپىسىدە ياراتقان ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلىرى، مەدەنىيەت ئاڭ قۇرۇلمىلىرى، مەدەنىي ۋە تارىخىي مىراسلىرى بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا ئۆز رولىنى داۋاملىق ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ."
بىر مىللەتنىڭ تارىخى ئۇ ئۆز ئۆتمۈشىنىڭ ئەينىكىدۇر. ئۇ ئەينەككە قاراپ ئۆز تارىخىنى ياخشى ئۆگەنمىگەن، تارىخىدا ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزگەن ساۋاقلىرىدىن ئىبرەت ئالمىغان مىللەت كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆز تارىخىنى يارىتالمايدۇ!...
بىز تۇغۇلغان ۋە ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا سانائەت دەۋرىنىڭ كرىزىسلىرى ئىچىدە ھالسىراۋاتقان، ئىقتىسادىي بوھران ۋە باشقا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى كۈندىن كۈنگە بۇلغىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ بىرلا يەرشارىمىزغا بولغان چوڭقۇر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان مۇھىت سۆيەر ئالىملىرىمىز “دۇنيا ئىقلىمىنىڭ ئىللىشى” نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى قارشى تۇرۇش ئىقتىدارلىرى بىلەن كۈرەشلەر ئاقتۇرۇۋاتقان، ھەر شەيئىلەر ئۆز-ئارا رىقابەت بەيگىسىگە تولغان بۇ دۇنيانىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى بىر مەزگىل ئۇنتۇپ، ئۆزىڭىزنى ئىنساننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدىغان، بۈگۈنكى زامانىۋى مەئىشەتلەردىن يىراق بولغان ساپ ھاۋالىق، پايانسىز ئۇپۇقنى سۆيگەن ياپ-يېشىل يايلاقتا قەدەملىرىڭىزنى ئاتا-بوۋىلىرىڭىز بىر زامانلاردا ئات چاپتۇرۇپ ماڭغان چىغىر يوللارغا تاشلاپ، قۇلاق تۈۋىڭىزدىن غۇر–غۇر ئۇتۇپ تۇرىدىغان شاماللارغا سىرداش بولۇپ ماڭسىڭىز ياكى قارىغايلىق تاغ ئېتەكلىرىدىن كېلىۋاتقان كۆك بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئىشىتكەچ، كۆك تەڭرىنى سۆيۈپ تۇرغان ئاق باش چوقىلارغا ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ياراتقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، غۇرۇر تۇيغۇسى بىلەن نەزىرىڭىزنى چەكسىز كەتكەن يايلاقلارغا تاشلىسىڭىز، كېچىلىرى يۇلتۇزلار ئۆزلىرىنىڭ نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن تۆكىدىغان بۇ زېمىندا تۇرۇپ، يۇلتۇز سانىغاچ بوۋىمىز ئوغۇزخان ئىلتىجا قىلغان كۆك ئاسماندىكى كۆك تەڭرىگە بېشىڭىزنى تىك كۆتۈرۈپ باقسىڭىز ۋە ياكى بۈگۈنكى موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ شىمالىدىكى رۇسىيە (رۇس يەر) نىڭ زېمىنىغا ئايلانغان سىبىرىيە ئورمانلىقلىرىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بېلىق تۇتۇپ يېگەن بايقال كۆلىنىڭ (باي-قال-كۆل) نىڭ تىنچ ۋە تەمكىنلىكتە سىزگە مېھرى بىلەن باققان يۈزىگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز، سىز يەنە ئېتىڭىزنى چاپتۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يورغىلاپ، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا كېلىپ ئوچۇملاپ يۈرىكىڭىز قانغىچە ئۆتۇكەن تاغلىرىدىن كەلگەن تاغ سۇلىرىنى ئىچسىڭىز، ئۆزىڭىزنى قەيەردە دەپ بىلىسىز ۋە قانداق ھېسلاردا بولىسىز؟
مانا بۇ مۇقەددەس تۇپراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىي بۇلىقى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ 100 يىللاردىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدۇر! بۇ تۇپراق شۇ ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تارىخىي قىممەتلىرى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىلتىماسى قىلىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئورخۇن دەريا ۋادىسى ئەتراپىدىكى 121، 967 گېكتار تۇپراق “ئورخۇن ۋادىسى مەدەنىيەت ئىزنالىرى” نامىدا خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مانا بۇ تۇتىيا زېمىندا ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرنىڭ 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى.
ئۆزىمىز ھەققىدە قىسقىچە بايان
بۇ نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرنىڭ قۇرۇلتىيى 2011-يىلى 2-ئىيۇلدىن 8- ئىيۇلغىچە ھەممە تۈركىي ۋە ئورال-ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ تۇغۇلۇش بۆشۈكى بولغان جاي موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدا “ئەسلىمىزگە قايتىش، تارىخىنى ياد ئېتىش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش” تۇيغۇلىرى بىلەن بىر ھەپتە داۋام قىلدى.
بىز بۇ پۇرسەتلەر بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قەبرىگاھلىرىنى، قالدۇرغان تاش-ئەبىدىلەرنى، بۈگۈنگىچە ئىزناسى ساقلانغان شەھەر خارابىلىرىنى تاۋاپ قىلىشقا شەرەپ، غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن مۇيەسسەر بولدۇق. ئاۋۋال بۇ قېتىمقى “3- نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ساھىپخانلىغىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بايان قىلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئۆتكەنكى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
بەلكىم سىز خەۋەردار بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆلمەس كۈرەش جەڭچىسى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىللىرىدا سەپدىشى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يىللاپ سىڭدۈرگەن مېھنەتلىرى بەدىلىگە 2006-يىلى 18-ئۆكتەبىر تەشكىل قىلىنغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى رەسمىي شەكىلدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تەركىبىدە دۇنيادىكى 145 قەلەمكەشلەر مەركەزلىرى قاتارىدىن شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالغاندىن باشلاپ، بۇ مەركەز ئۇيغۇر يازارلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ساھەلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆزنىڭ نىشانى قىلىپ ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مىللىي، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەتلەردە ئورتاقداش بولغان قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىش يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئورال-ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىگە بولغان تەشنالىق ساداسىنى بۇ رايونلاردا تەقدىرداش مىللەتلەر بىلەن تەڭ ياڭرىتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن 2009-يىلى ئىستانبۇلدا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان فىنلاندىيە، ئېستونىيە، تۈركىيە، ۋېنگىرىيە، تاتارىستان، ئەزەربەيجان، ئوتتۇرا ئاسىيا قەلەمكەشلەر مەركىزى (بىشكەك قەلەمكەشلەر مەركىزى)، قازاق قەلەم مەركىزى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى، موڭغۇلىيە، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق 12 قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىنىڭ بىر ئارىغا توپلىنىپ باش قوشۇشى ئاساسىدا “ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” قۇرۇلغان ئىدى ۋە بۇ قۇرۇلتاي ئۆزنىڭ 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى 2010-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆلدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان. دېمەك بۇ قېتىم ئۇلانباتوردا ئېچىلغان يىغىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك يىغىننىڭ داۋامى - “3- نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” دۇر. خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى بارلىق ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ پىداكارلىقى ۋە توغرا رەھبەرلىكىدە، خىزمەتلىرىنى يىللاردىن بۇيان نەتىجىلىك ئاقتۇرۇپ كېلىشى بىلەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى لاياقەتلىك ۋە كۈچلۈك بىر قەلەمكەشلەر مەركىزىگە ئايلاندى ۋە تەبىئىيكى بۇ شەرەپلىك تۆھپە ئەلۋەتتە بىرىنچىدىن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بارىچە قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئەزالىرىغا، ئىككىنچىدىن ئىجرائىيە كومىتېتى رەھبەرلىرىگە ئاندىن كېيىن بولسا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەئىسى، ھارماس-تالماس پىداكارى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندىگە مەنسۇپتۇر!
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رايونلۇق بىرلىكى بولغان “ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ قۇرۇلۇشىدا ئالاھىدە رول ئالغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇجادىلىسىگە ئۆز نېسىۋىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوشۇپ كەلمەكتە. بۇ سۆزىمىزنىڭ پەقەت بىرلا دەلىلى سۈپىتىدە بۇ يىل 20-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدە بۈگۈنكى موڭغۇل يايلاقلىرىدا بىزدىن ئايرىلغان تارىخىي قېرىندىشىمىز ۋېنگىرىيە ھونلىرىنىڭ ساھىپخانلىغىدا داغدۇغىلىق بولۇپ ئوتكەن “2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى” نىڭ يىغىنىدۇر. (بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا يېزىلغان “ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە” ناملىق ئەدەبىي خاتىرە ۋە مەخسۇس سىن فىلىمىنى كەڭ ئوقۇرمە نلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ئىدىم)........... داۋامى >>
ماقالىنى تولۇق ئوقۇش:
http://www.uyghurpen.org/uy/orxun_oylirigha_seper.pdf