ئەقىلفون ئارقىلىق ئىسلاملىشىش:
ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نەزەر
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ( مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەنگلىيە )
( مەزكۇر ماقالە 2014 - يىلى 20 - سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 6 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ۋە شۇ ئاساستا تەييارلاندى. )
كىرىش سۆز:
جەمئىيەتشۇناسلىق – ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھايات – پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئۆبېكتى قىلغان ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى كەڭ بولغان بىر ئىلىم ساھەسىدۇر. ئۇ بارلىق ئىلىملەرنىڭ ئاساسى ۋە يىتەكچىسىدۇر چۈنكى بىز ئىنسانلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەقىل پاراسىتىمىزنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئۆزىمىزنى بىلىش ئۇچۇن سەرىپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز.
جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئابىستىراكىت بىر پىرىنسىپى- سىز قانداق بىر تۈردە تەتقىقات ئېلىپ بارماڭ، ئالدى بىلەن سىز چوقۇم شۇ جەمئىيەت توپىدىكى ئادەملىرىنىڭ ئېتنىك مىللىي ئالاھىدىلىگىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى، ياشىغان تەبىئىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتلىرىنى چۈشىنىشىڭىزنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۆتكەنكى ۋە ھازىرقى خوشاللىقى، قايغۇسىنى، كەلگۈسىگە بولغان ئومۇت ۋە تەشۋىشلىرىنى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى روھىي ھالىتىنى كۈزىتىپ، جەمئىيەت ئېقىم يۆلىنىشنى توغرا ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا بىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر جەمئىيەت توپىدىكىلەرنىڭ روھى ھالىتى ۋە ھايات پائالىيەتلىرىنى ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان، بۇرۇندىن بار بولغان ياكى يېڭىدىن شەكىللەندۇرگەن جەمئىيەت مۇھىتى تەدرىجىي بەرپا قىلغىنىغا ئوخشاش يەنە شۇ بىر تېررىتورىيەدە ئۇزاق مەزگىل توپلىشىپ ياشىغان بۇ توپتىكى ئادەملەرنىڭ ئەمەلىي ھايات پائالىيەتلىرى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگۇرشىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ باغلىنىشلىق دائىرىسى كەڭ بولۇپ ئۇ گېنېتىك، ئېتنىك، تەبئىي تېررىتورىيە، سىياسىي تېررىتورىيە، سىياسىي، مىللىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسدىي، تارىخىي، مەدەنىي، ھاكىمىيەت قۇرۇلما قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز تەركىبىگە ئالغان بولىدۇ.
جۈملىدىن كەڭ دائىردىكى ئابىستىراكىت جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسى بىلەن ئېيتقاندا بۈگۈنكى ئىنسانلار ھايات – پائالىيىتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئۈلۈشىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلىگەن دۇنيا ئىنتېرنېت تورى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات مەسئۇلى بولغان ئىجتىمائىي ئۇچۇر – ئالاقە ۋاستىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش زۆرۆرىيىتى ئەلۋەتتە تۇغلۇدۇ.
ئۆتكەنكى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 2012- يىلىدىن 2014 – يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۇيغۇرلار ئاكتىپ قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان ”ئۈندىدار“ ئەقىلفون ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپ تورىنىڭ خىتاي ھۆكۇمىتى دائىرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىشى، بولۇپمۇ 22- ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن باشلانغان ”قاتتىق زەربە بېرىش“ ھەركىتى بىلەن تەڭلا ساقچىلارنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان خالىغان بىر ئۇيغۇرنى توختۇتۇپ تۇرۇپ يانفونىنى تەكشۈرىشى، 2014- يىلى يازدا خوتەن قاتارلىق بەزى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە ”ئۈندىدار“ ئالاقە تورىنىڭ توسۇۋېتىلىشى قاتارلىق بىر تۇرلۇك ئىجىرا قىلىنىۋاتقان سىياسى ھەركەت ۋە چەكلەش تەدبىرلىرى بىلەن رايوندا ئۆتكەنكى يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەي يۇزبېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ئوتتۇرسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەتلەر بار؟ رايوندا يۇزبېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاي ھۆكۇمىتى خەلىقئارا سەھنىلەردە دۇنياغا بار كۈچى بىلەن تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقىنىدەك راستىنلا ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ”ئىسلام ئاشقۇنلىقى“ ياكى ”جىھاد“ قىلىش تەرغىباتى ئاساسىدىكى زوراۋانلىق ھەركەتلىرى ئەۋج ئېلىۋاتامدۇ؟ خىتاي ھۆكۇمىتى داۋا قىلىپ كېلىۋاتقاندەك ئاتالمىش “شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى” نىڭ بۇ ۋەقەلەر بىلەن زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار ؟ ........
ماقالىنى تولۇق ئوقۇش:
http://www.uyghurpen.org/uy/Eqilfon_Islam.pdf