غوجىلار ۋەزىپىللىرى
خەمىت ھەمرايېۋ
غوجىلار ۋەزىپىللىرى (تارىخىي رومان) ، شادى غوجا، 1- قىسىم.
مۇقەددىمە:
ئۇلۇغ سىۋىلىزاتسىيەنى، ئۇ ئۆزلىگىدىن ۋەيران بولمۇغىچە، سىرىتتىن بويسۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. - يۇئىل ديۇرانت
سۇپىلار داۋاملىق دەرۋىشلەر خانىسىدا ئولتۇرۇۋەرمەي، ئۇنىڭدىن چىقىشى لازىم. - مەخدۇم ئەزەم.
مۇقەددىمە - 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان ئاساسىنى سالغان ياركەنت ئۇيغۇر خانلىغى مەركىزىي ئاسىيادىكى يۈكسەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. قەشقەردىن خوتەنگىچە، تۇرپاندىن قۇمۇلغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ئېگىلەپ ياتقان مەزكۈر دۆلەت ئۆز تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا ئېغىر قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. دۆلەت، شۇنداقلا، ئۇنى تەشكىل قىلغان خانغا باغلىق سەئىدىيە خانلىغى ھەم موغۇلىيە دەپمۇ ئاتىلاتتى. چۈنكى ھۆكۈمران سۇلالە موغۇلستان دۆلىتىنى قۇرغۇچى تۇغلۇق تۆمۈردىن باشلانما ئالاتتى. ياركەنت خانلىغى دۇچار بولغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت، گەرچە، خوشنىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىغى بەلەنت بولسىمۇ، سىرتقى ھەيۋىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى.
مۇئەمما ئەمەلىيەتتە تەخىت ئۈچۈن بولغان توختالسىز كۈرەشكە باغلىق پەيدا بولغان. ئاساسىي رىقابەت خانلىقنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرى بىلەن شەرقىي تەۋەلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەۋىج ئالغان ئىدى.
ياركەنت خانلىغىنىڭ ھۆكۈمران گورۇھى ۋەزىيەتنى جان-جىگىرى بىلەن نازارەت قىلىشقا تىرىشتى. ئامما لېكىن تۇرپان-قۇمۇل تەۋەسى، ئۇنىڭغا مەمۇرىي جەھەتتىن قارىشەھەرمۇ كىرەتتى، مۇتتەسىل قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۆزلىرىنى مۇھەممەت پەيغەمبەر بىلەن تۆرت ئىپتىدائىي خەلىپىنىڭ ئەۋلادى ھېساپلايدىغان دىنىي- سىياسىي ئەرباپلارنىڭ، غوجىلار رولىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، تەخىت ئۈچۈن بولغان كۈرەش تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. غوجىلارنىڭ ياركەنت خانلىغى زىمىنىدا كەڭ ئاممىغىلا ئەمەس، ھۆكۈمران گورۇھقىمۇ تەسىرى غايەت زور ئىدى.
جىمى مەركىزىي ئاسىيا تەۋەسىدە ئۆزلىرىنى غوجىلارغا ياتقۇزىدىغانلار بۇخارىدا، خۇسۇسەن قەشقەردە كۆپ ئىدى. نەقىشبەندى غوجىغان سۇپىلار جامائەسىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان غوجىلار ئۆزلىرىنى سۇلتان سەئىدخان دەۋرىدە مەلۇم قىلدى. جامائەنىڭ ئاساسچىسى مەخدۇم ئەزەم ئۆزىدىن كېيىن مەزكۈر تەلىماتنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىككى يۆنىلىشىنى قالدۇردى. بۇ گورۇھلارنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ باشقۇرۇش پاجىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.
مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئىككى خوتۇندىن ئون ئۈچ بالىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىشان قالان غوجا نامى بىلەن مەلۇم چوڭ ئوغلى مۇھەممەت ئىمىن "ئاق تاغلىقلار"، يەنى جامائە ئاساسچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدىغان "ئىشقىيا" دىنىي - سىياسىي ھەرىكىتىنى تەشكىل قىلدى. "ئاق تاغلىقلار" ئۆزلىرىنىڭ مۇرىتلىرى كۆپ قەشقەردە بەكمۇ زور نوپۇزغا ئېگە ئېدى. مەخدۇم ئەزەمنىڭ تۆرتىنچى ئوغلى ئىشاق ۋەلى ئۇنى ئىشاق غوجا دەپ ئاتاتتى – ئاكىسىغا قارشى "ئىشاقىيە" – "قارا تاغلىقلار" ھەرىكىتىنى قۇردى. "قارا تاغلىقلارنىڭ" قارارگاھى خانلىقنىڭ پايتەختى ياركەنت شەھىرى ئىدى. بۇ ئاكا - ئۇكا غوجىلارنىڭ ئەۋلادى ياركەنت خانلىغىنىڭ تەختى ئۈچۈن بولغان كۈرەشكە، دېمەك، خانلىقنىڭ تەغدىرىگە، ناھايىتى چوڭ تەسىر تەككۈزدى. يۈز ئەللىك يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەرىيانىدا خانلىقتا "قارا تاغلىق" ۋە "ئاق تاغلىق" غوجىلارنىڭ ئىشتراكىسىز بىرەر مۇھىم قارار قوبۇل قىلىنماتتى. خانلىق مۇستەقىللىغىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئىسىيان - قوزغىلاڭلار كۆتىرىلگەن چاغدىمۇ، ئۇلارنىڭ رولى ھەل قىلغۇچى بولۇپ قېلىۋەردى.
داۋامىنى مەزكۈر روماننىڭ ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئەلكىتاپتىن ئوقۇڭ:
http://www.uyghurpen.org/uy/Ghojilar_wezipiliri_1_kitap.pdf