قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
“ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان مۇزىكىلارنى ئادەتتە تارىخى ۋە پۈتۈن ھايات كەچمىشىدە ئېغىر تالاپەتلەرگە، نامراتلىق، زوراۋانلىقلار، مۇستەملىكە قىلىنىش ھەتتا ئىرقىي قىرغىن قىلىنىشلارغا كۆپ ئۇچرىغان ئېزىلگەن خەلقلەر يارىتىدۇ، ئەمما بۇ خەلقلەر بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاتالمىش سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەھنىسىدە “كۈچسىزلەر” دەپ قارىلىدۇ”. ”سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس، ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر”. ناخشا - مۇزىكا دېمەك بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە مىللىي كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئويغىتىدىغان، ئۆز زاماندىكى شادلىقى ۋە قايغۇسىنى يارقىن كۇي ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن ئىپادە قىلىدىغان بىر سەنئەتتۇر. قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن - بۇ 3 - قىسىملىق ماقالىنىڭ بىر توپلام قىلىنغان ئەلكىتاپ نۇسخۇسىنى توۆەندىكى ئۇلنىشتىن ئوقۇيالايسىز ۋە ساقلىۋالالايسىز :
http://www.uyghurpen.org/uy/Qanatlanghan_kuy.pdf