رامىزانغا مۇبارەك

شەربەت

(ۋەتەندىن ئەۋەتىلگەن نامەلۇم شائىرنىڭ شىئېرىسى)



شاتلاندى بەك بۇ يۈرەك،
يىتىپ كەلگەچ ئول كۆرەك.
ئىشقا ئاشار گۈل تىلەك،
رامىزانغا مۇبارەك.



مۇسۇلمانغا ئۇلۇغ ئاي،
يىتىپ كەلدى خۇش چىراي.
بەكمۇ خۇشال ھەممە جاي،
رامىزانغا مۇبارەك.



قەلىبلەرنى پاكلىغان،
ياخشىلىققا باشلىغان.
گۇناھلاردىن ساخلىغان،
رامىزانغا مۇبارەك.



ئىمانىمنى باي قىلغان،
رۇخسارىمنى ئاي قىلغان.
ئىككى ئالەم ھۆر قىلغان،
رامىزانغا مۇبارەك.



نەقرات:



ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە يار،
رامىزاندا ھىكمەت بار.






شائىرنىڭ باشقا شىئېرىسىىنى ئوقۇش :


http://www.uyghurpen.org/uy/Bek-Zeriktim-Xitaydin.htmlPDF










Uyghur Pen

Valid CSS!        W3C CSS Level 2.1.validated website.   |   http://www.uyghurpen.org  |  E_mail: web@uyghurpen.org