روزىمۇھەممەد جۇمە ئەپەندى - ئەلۋىدا ئۇستاز!
ۋەتەنپەۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى، تالانتلىق ئەدەبىي مۇھەررىر، مەسۇلىياتجان ئەدەبىيات ئۇستازى، مېھرىبان ئەر ۋە نەمۇنىلىك دادا بولغۇچى روزى مۇھەممەد جۇمە ئەپەندىنىڭ يۈرىكى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ مېرىلاند شىتاتىدىكى ئۆيىدە سوقۇشتىن توختىدى. ئۇ شۇنچە خاتىرجەم ۋە شۇنچە مەمنۇنىيەت بىلەن نۇرلار ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.
روزىمۇھەممەت جۈمە ئەپەندى 1951 -يىلى6-ئاينىڭ 15-كۈنى قارىقاش ناھىيەسىنىڭ پۇچاقچى يېزىسى باش پۇچاقچى كەنتىدە دېھقان ئايىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ شىنجىاڭ ئۈنىۋېرسىتىنى يۇقۇرى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، سىنىپىدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغان تالانتلىق ئون ئوقۇغۇچى قاتارىدا ئاپتونۇم رايۇنلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى «تارىم ژورنىلى» غا مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە تەخسىم قىلىنغان. روزىمۇھەممەت جۈمە ئەپەندى «تارىم ژورنىلى» دا شېئىر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، ژورنال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، سەۋىرچانلىق بىلەن يىتەكچىلىك قىلىش ۋە ھارماي يول كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۇرغۇنلىغان ياش تالانت ئىگىلىرىنىڭ ياراملىق يازغۇچى شائىرلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز خىزمەت قىلغان، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر ئەۋلات قابىل ۋە تالانتلىق ياش قەلەم ئىگىلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشى ئۇچۇن كۈچلۇك ئاساس سالغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشى ۋە يۈرەك سادلىرى نامايەن قىلىنغان نۇرغۇنلىغان نەمۇنىلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خەلق بىلەن يۈز كۆرشىشى ئۇچۇن دادىللىقللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈسىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ يۇقۇر باھاسىغا ئېرىشكەن. بىراق ئۇ خەلقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىي ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرگە «تارىم ژورنىلى» ژورنىلىدا ئورۇن بەرگىنى ئۈچۈن، كۆپ رىيازەتلەر تارتقان.
روزىمۇھەممەت جۇمە ئەپەندى ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ ئالاھىدە تالانتقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاز ۋە ساز ئىجادىيەتلىرى ئەينىي ۋاقىتتا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خېلى زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ «خەلق ۋەكىلى - مەتتوختەم» (ئېلىي دەرياسى ژورنىلىنىڭ 1980-يىللىرىدىكىسانلىرىدا ئىلان قىلىنغان) ناملىق ھىكايىسىدا جوڭگو جەمىيىتىدىكى «خەلق ۋەكىللىرى » دەپ ئاتالىدىغان بىر توپنىڭ قانداق ساختىلىق بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنسان روھيىتىدىكى كىسەلمەنلىكنىڭ مەنبەسىنى داداىللىق بىلەن قاتتىق قامچىلىغان بولسا؛ ئۇنىڭ «ھەسرەت» ناملىق شېرى داستانىدا مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىي جەريانىدىكى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ شەخسىيگە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت غالجىرلاشقان، ئىنساننىڭ روھىيىتى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان بىر دەۋىر ئۇنىڭ ئۆتكۇر قەلەملىرى بىلەن ناھايتى ئوبرازلىق ھالدا نامايەند قىلىنغان.
روزى مۇھەممەت جۇمەنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئازلىقى ۋە سازلىقى بىلەن قەدىرلەنگىنىگە ئوخشاش، ئۇنىڭ كەمسۆزلۈگى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى،ھېچكىشىدىن ھېچنەرسە تاما قىلمايدىغان ۋە تالاشمايدسىغان مەردانىلىقى، شۇنداقلا ياۋۇزغا باش ئەگمەيدىغان، ئاجىزلارغا، يىتىم يىسىرلارغا يار- يۆلەك بولىدىغان ئېسىل خاراكتىرى ئۇنىڭغا پۈتمەس غورۇر ئاتا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئېسىل خاراكتىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىۆىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئىرېىشىپ كەلگەن.
روزى مۇھەممەت جۇمە ئەپەندى2007-يىلى كىسەل مۇناسىۋىتى بىلەن «تارىم ژورنىلى» دىن پېنسىيە مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن پىنسىيەگە چىققان بولۇپ، 2012- يىلى ئائىىلىسى بىلەن جەم بولۇش ئۇچۇن ئامېرىكىغا كەلگەن. 2013- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ «چوڭ ئۈچەي راك كىسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى» دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن ئىزچىل داۋالىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
روزىمۇھەممەت جۇمە ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنىۇتلىرىغىچە ۋەتەن، مىللىتىگە بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتى بىلەن كىسەل تۇرۇپمۇ قەلىمىنى توختاتمىدى، ئۇ ھەر دائىىم ئۆز ۋەتەنگە قايتىشقا، ۋەتەننىڭ گۈزەل بىر كۈنىنى كۆرۇشكە، ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى ۋەتەن تۇپرىقىدا، تۇققانلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈشكە شۇنچىلىك تەشنا ئىدى.... گەرچە بىز روزىمۇھەممەت جۇمە ئەپەندىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولساقمۇ، ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ. جانابىي ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن، ئامېن! جانابىي ئاللاھ ئۇنى نۇرلار ئىچىدە يېتىشقا نىسىپ قىلسۇن، ئامېن! جانابىي ئاللاھ ئۇنىڭ خانىمىى دىلدار ئەزىزگە ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە، شۇنداقلا ئۇنى ياخشى كۆرگەن بارلق دوست- يارەنلىرىگە سەبىر بەرسۇن، ئامېن!
2017 - يىلى 10- مارت