Journey to the Orkhun River







































ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ئومۇمىي نەزەر

ئەزىز ئەيسا

(2011 يىلى -2 ئاينىڭ -23 كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنىدا ئۇقۇلغان ماقالە)


"ھەربىر ئىنسان تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن سۆزلەش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىش، ھەرخىل نەشرىيات ۋاسىتىلىرىدە نەشر قىلدۇرۇش، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئەركىنلىكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى كېرەك."

-“دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى” دىن


كىرىش سۆز:


ئۇزاق مەزگىللەرنى بېسىپ ئوتكەن كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئوتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كومپيۇتېرنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ تېخنىكا ئىنقىلابىدىن ئوز ئورنىنى تېپىشقا ھەر ھالدا ئۈلگۈرەلىدى. كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەر ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىشىغا ئەگىشىپ ئوڭ تاناسىپ ھالدا ئىنتېرنېت - تور ئۇچۇر-ئالاقىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ تىز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشى ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىدىكى زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچراشتەك كونا قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى بىر ئۇچۇر دەۋرنى باشلىدى.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەڭ ئاچچىق قىسمەت ۋە تراگېدىيىلەرنى بېسىپ ئوتكەن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 10 يىلى بۇ ئەسىرنىڭ بىرىنچى 10 يىلىدا يېڭى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى ئىنتېرنېت تورى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ 1949- يىلى خىتاي دۆلەت تەركىبىگە قوشۇۋالغان ۋە 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى دەپ نام بېرىلگەن ئۇيغۇر ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) ۋە بۇ ئەلنىڭ يەرلىك ئېتنىك مىللىتى بولغان ئۇيغۇرلار ئوز نارازىلىقلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈشتە، پىكرى ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوللىنىشتا زۆرۈر ۋاسىتە بولغان ئىنتېرنېت تور ئالاقىسىنىڭ رولى قانداق بولدى؟ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنتېرنېت تورى - ئەركىن ئۇچۇر ئالاقىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت تور ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز جەمئىيىتىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشى ۋە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش جەريانلىرى قانداق راۋاجلاندى ۋە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنتېرنېت تورىدا مەۋجۇتمۇ؟ ئەگەردە مەۋجۇت بولسا كۆلىمى ۋە ئورنى قانچىلىك؟ بۇ ماقالە دەل يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت تورىنىڭ قوللىنىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشتىكى ئەھمىيەتلىرى ماھىيەتلىك تەھلىل قىلىنىدۇ.

مەزكۇر ماقالىنىڭ مەركەزلىك ئوبيېكتى ئۇيغۇرلارنىڭ (شەرقىي تۈركىستاندىكى) بۇ دۇنياۋى ئۇچۇر-ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى ئىنتېرنېت تورنى قانداق ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۇرگەنلىگىدىن تارتىپ بۈگۈنكى ئەھۋاللىرى 2009- يىلى يۈز بەرگەن “5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” نىڭ ئالدى – كەينىدە بولۇپ ئوتكەن ئۇيغۇر ۋە خەن (خىتاي) مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى بىر يىلغا قەدەر ئۈزۈۋەتكەنلىكى، تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كوپ ساندىكى ئۇيغۇر توربېكەتلىرىنىڭ تاقاقلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز ئالدىغا راۋاجلاندۇرغان ئىنتېرنېت تور - ئالاقە ئۇچۇر ۋاستىللىرىغا قارتا ئىجرا قىلىۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىتىگە خەلقئارانىڭ قانداق ئىنكاستا بولغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى ئىنتېرنېت تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان چەكلىك باغلىنىشلىرى قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئامىللار ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ۋە دۇنيادا بولۇپ ئوتكەن ۋەقەلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ.






ماقالىنى تولۇق ئوقۇش:


http://www.uyghurpen.org/uy/Uyghur_torbetchilikige_omumiy_nezer.pdf










Uyghur Pen

Valid CSS!        W3C CSS Level 2.1.validated website.   |   http://www.uyghurpen.org  |  E_mail: web@uyghurpen.org