Uzulmes tarixiy rishte

ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە

ئۇيغۇر - ھون قەلەمكەشلىرىنىڭ دوناي دەرياسى بويىدا ياڭراتقان دوستلۇق ساداسى


ئەزىز ئەيسا

(بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنى توغرىسىدا ئەدەبىي خاتىرىلەر)


مۇقەددىمە:


ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر تارىخچىسى، شائىرى ۋە كۈرەش جەڭچىسى مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ "ئۇيغۇرلار " قاتارلىق 3 تارىخىي كىتابى -1989 يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاي نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ئاتالمىش "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون" لوق خىتاي كوممۇنىست پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئالاقزادە قىلىۋەتكەن ۋە بىر قانچە يىل داۋاملاشقان "تۇرغۇن ئالماسنى تەنقىد قىلىش كۆرۈشى" نى قوزغاشقا سەۋەبچى بولغان "ئۇيغۇرلار" ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئۈچىنچى بابىدىكى " ھونلار ۋە ئۇيغۇر" قىسمى مۇنداق باشلىنىدۇ:

"ھونلار - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى ئەجدادى. ھونلار باشقا ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان. ھونلار تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1500 يىلدىن تارتىپ (ھازىرقى كۈندىن 3500 يىل بۇرۇن) مىلادى -5 ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان 2000 يىلنى ئوز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىلدە، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان ناھايىتى چوڭ تارىخىي رول ئوينىدى".

دېمەك ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ سائەت سترېلكىسى -21 ئەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ دەقىقىلەردە تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا تۈركى ئېتنىك قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى، مۇستەقىل دۆلىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيا تەرىپىدىن تارىختىكى ھونلارنىڭ دۆلىتى دەپ تونۇلغان، ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك مىللەت نامىنى ئىزچىل بۈگۈنكى كۈنگىچە ئون ئۇيغۇر “ئونوگۇر” دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋېنگىرىيە ھونلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى ياۋروپانىڭ ئەڭ گۈزەل شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇداپېشتتا -2011 يىلى -2 ئاينىڭ -21 كۈنىدىن -24 كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ۋە ھون قەلەمكەشلىرىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى سىزنى ئۇيغۇرنىڭ تارىخىي ئەجدادى بولغان ھونلارنىڭ تەخمىنەن 3500 يىللار ئىلگىرى بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆتمۈشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ياۋروپادىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئىستىكىڭىزنى قوزغايدۇ ئەلۋەتتە!

مانا بۇ مەقسەت بىلەن ۋېنگىرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ -2 نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرگە ۋېنگىرىيە ھونلىرىنى بۈگۈنكى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەجدادى ھونلار توغرىسىدا

ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىكى تارىخىي ئەجدادىدۇر. ھونلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن تورت مىڭ يىللار ئىلگىرى ھازىرقى سىبېرىيە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىنلاردىن تارتىپ خىتاينىڭ سېرىق دەريا ۋە دېڭىزلىرىغىچە، بايقال كۆلىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ زېمىنلاردىن تارتىپ ئالتاي- تەڭرىتاغ ۋە ئورال تاغلىرىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلاردا ياشاپ كەلگەن بولسا، كېيىن ھونلار تەخمىنەن مىلادى -350 يىللىرى غەربكە قاراپ كۆچۈشكە باشلاپ مىلادى - 434 يىلى ئاتىللا ھون (406-453) تەرىپىدىن ناھايىتى كۈچلۈك ۋە بۈيۈك بولغان ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ -5 ئەسىرگە كەلگەندە غەربىي رۇم ئىمپېرىيىسىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن بولسا، ئاسىيادا ھون ئەجدادلىرى ياشىغان كەڭ زېمىنلاردا قېرىنداش بولۇپ ياشاپ كەلگەن تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر بۇ زېمىنلاردا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ھون ئەجدادلىرى قالدۇرغان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ دۆلەتلەر ۋە ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ ھونلار ياشىغان زېمىنلارغا ۋارىسلىق قىلغان.

پۈتكۈل ھون قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى -3ئەسىردە ھون تەڭرىقۇت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4209-17 – يىللار) تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈپ ئاسىيا ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى بولغان خىتاينىڭ چىن سۇلالىسى مىلادى2 -ئەسىردىن باشلاپ سەددىچىن سېپىلىنى سوقۇشىنى باشلىغان بولۇپ بۇ دەل ئاسىيا ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلەنگەن مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. خىتاي بۇ دەۋرلەردە داۋاملىق تۈردە ھونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن سېپىل سوقۇپ ئۆزىنى قوغدىغان ۋە بۇ سېپىلنى ئۆزىنىڭ چېگرىسى قىلغان. مەرھۇم ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى بۇ تارىخنى مۇنداق ئىككى كەلىمىلىك شېئىر بىلەن ئىپادە قىلىپ يەكۈنلەيدۇ " ھون بوۋامدىن قورققانلار، سەددىچىننى سوققانلار! "

بەزى تارىخچىلار ھون باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى "ئوغۇزخان" بىلەن بىر كىشى دەپ قارايدۇ.

بۈگۈنكى ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار (ۋېنگرىيىلىكلەر ( ئۆز دۆلىتىنى Magyar دەپ ئاتايدۇ (ئىنگلىزچە Hungary دەپ ئاتىلىدۇ) ئۆزىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ياكى ھونلارنىڭ (Magyarország) دۆلەت بولۇپ شەكلىنىش ۋە مىللەت نامىنى 7- ئەسىرىدە تەشكىل قىلىنغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى onogur (ئون ئۇيغۇر) ئىسمىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. بۇلغارلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنى onogur (onoguria -uyghuria - utigur) قەبىلىلىرىدىن دەپ بىلىدۇ

بۈگۈنكى ۋېنگىرىيە:

ۋېنگىرىيە ھونلىرى ئورال تىلى ئائىلىسىنىڭ فىننو- ئۇگرىك (Finno-Ugric) تىل گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدۇ يەنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئېستونىيە ۋە فىنلاندىيە تىللىرىغا يېقىن. دۇنيا بويىچە ھازىر ھونلارنىڭ نوپۇسى 14 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ نوپۇسنىڭ 10 مىليوندىن كۆپرەكى ۋېنگىرىيىدە ياشايدۇ، قالغان 4 مىليونى ھونلار ۋېنگرىيىگە قوشنا بولغان رۇمىنىيە، سېربىيە ۋە ئۇكرائىنىيەدە ياشايدۇ.

ۋېنگىرىيە ھونلىرى ئورخۇن يېزىقىنى تاكى 11- ئەسىرگىچە يەنى خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانغىچە قوللانغان بولۇپ، 11 ئەسىردىن كېيىن لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ. ۋېنگىرىيە بىلەن چېگرىداش بولغان دۆلەتلەردىكى سزېكەليس، چساڭو، پالوچ ۋە جاسسىچ قاتارلىق سانى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرمۇ ھازىرقى ھونلارنىڭ ئېتنىك مىللەت تەركىبىگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر داۋام قىلغان ۋېنگىرىيە دۆلىتى مىلادى 895- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ بىر بولۇپ ھىساپلىندۇ يەنى ياۋروپادا تۇنجى گېرمان ۋە فرانسۇزلار تەرىپىدىن ۋەردۇن شەرتنامىسى (Treaty of Verdun) ئاساسىدا مىلادى 843- ئانگلو-ساكسون (Anglo-Saxon)دۆلىتى قۇرۇلۇپ 60 يىل كېيىن قۇرۇلغان قەدىمى دۆلەتتۇر. موڭغۇللار ۋېنگرىيىنى 1241 ۋە 1242- يىللىرى ئىستىلا قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى موڭغۇل-ھون ئۇرۇشلىرىدا ۋېنگىرىيە ئاھالىسىنىڭ تەڭ يېرىمى يەنى تەخمىنەن 2 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋېنگرىيىگە 1526- يىلىدىن 1699- يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ۋېنگىرىيە 1526- يىلى ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىمپېرىيە ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرىدۇ ۋە بۇ ئىمپېرىيە 1918- يىلى پارتلىغان 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلىدۇ. گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ۋېنگرىيىگە 1- قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا قولىدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىنى كاپالەتلىك قىلىشى بىلەن يەنە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارشى كۈچلەر قاتارىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ۋېنگىرىيە 2- قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ يېڭىلىپ 1945- يىلى 13- فېۋرال سوۋېت ئىتتىپاقىغا شەرتسىز تەسلىم بولىدۇ ۋە 1947- يىلى پارىژ تىنچلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويىدۇ. ئاقىۋەتتە ۋېنگىرىيە 1918- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە بولغان 2 قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا زېمىنىنىڭ %72 دىن، ئاھالىسىنىڭ %66 دىن ئايرىلىپ قالىدۇ............ داۋامى >>




ماقالىنى تولۇق ئوقۇش:


[Uyghur Latin yéziqida]

http://www.uyghurpen.org/uzulmes_tarixiy_rishte.pdf



[ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا]

http://www.uyghurpen.org/uzulmes_tarixiy_rishte_ar.pdf



http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/uzulmes_tarixiy_rishte_ar.pdf




مەزكۇر ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىمنى كۆرۈش:


http://www.uyghurpen.org/uzulmes_tarixiy_rishte_uy_video.html










Uyghur Pen

Valid CSS!        W3C CSS Level 2.1.validated website.   |   http://www.uyghurpen.org  |  E_mail: web@uyghurpen.org